«ھېچكىمنىڭ <پ ي د پ ك ك بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق> دېگۈچىلىقى قالمىدى»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھېچكىمنىڭ «پ ي د پ ك ك بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق» دېگۈچىلىقى قالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

649986
«ھېچكىمنىڭ <پ ي د پ ك ك بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق> دېگۈچىلىقى قالمىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك ساريىدا چاقىرىلغان 34 – نۆۋەتلىك مەھەللە كومىتېتلىرى يغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پەقەت بىر گۇماشتىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، ئەسلى كۈرەشنىڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچلەرگە قارشى قىلىنىشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى ھەمدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوخشاش سەككىز ئاياغنىڭ پۇتلىرى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئارقىلىق بۇنىڭ شۇنداقلىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز شۇ ھەقىقەتنى ناھايتى ياخشى بىلىمىز؛ ئەگەر بىز گۇماشتىلارغا ئەجەللىك زەربە بەرمىسەك، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچكە قارشى غەلىبە قىلالمايمىز. شۇڭا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قىمىر قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئالدۇق.»

تېخى تۈنۈگۈنگىچە دائېش كىملىكى ئاستىدا قان تۆكۈۋاتقانلارنىڭ بۈگۈن پ ي د / ي پ گ كىملىكى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بولسا تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىگە قارشى قانچىلىق دۈشمەن بولسا، بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئۇلارنىڭ ئەمرىگە قوش قوللاپ سۇنۇپ بەرگەن رەزىل، نىجىس، ساتقۇچ بىر تەشكىلاتقا ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قارىتا ئىككىلىنىش ئىچىدە پوزىتسىيە تۇتقانلار رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى سۇيىقەستكە ئۇرچىغاندىن كېيىن قايىل بولدى دەپ قارايمەن.»

ھېچكىمنىڭ «پ ي د پ ك ك بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق» دېگۈچىلىقى قالمىغانلىقىنى، شۇنداقلا «بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىمىز دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش» دېگۈچىلىكىمۇ قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «چۈنكى تۈركىيەنىڭ ئەلبابتىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە قارىتا تۇتۇلۇۋاتقان پوزىتسىيە بۇنداق بىر سەزگۈرلۈكنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بەردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر