تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر تېررورىست ئامېرىكىدا ئۇنىۋېرستېت مۇدىرى بولدى

2010-يىلىدىكى مەمۇرلار ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىشلىق بىر تېررورىستنىڭ ئامېرىكىدا ئۇنىۋېرستېت مۇدىرى بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

647027
تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر تېررورىست ئامېرىكىدا ئۇنىۋېرستېت مۇدىرى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بۇرۇنقى فاتىھ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇدىرى شەرىف ئەلى تەكالان ئامېرىكىدا بىر ئۇنىۋېرستېتنىڭ مۇدىرى بولدى.

تۈركىيەدە «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەۋاسى»، «مەمۇرلار ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئاشكارىلاش» ۋە «پۇتبولدا تۇزاق قۇرۇش» قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ گۇماندارى ۋە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تەكالان، تېكساستىكى شىمالىي ئامېرىكان ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇدىرى بولدى. 2016-يىلى 19-دېكابىر تېكساستا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى بىلىنگەن ئۇنىۋېرستېتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ئۇقتۇرۇشتا، تەكالاننىڭ ئۇنىۋېرستېتنىڭ ئۈچىنچى مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىگىلەنگەن مەلۇماتلادا قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئۇنىۋېرستېت 2010 –يىلى تېكساستا ئالىي مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن «شىمالىي ئامېرىكان ئىنىستىتۇتى» (North American College) نامىدا قۇرۇلغان بولۇپ، 2013-يىلى نامىنى شىمالىي ئامېرىكان ئۇنىۋېرستېتىغا ئۆزگەرتكەن. تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تەكالان دەسلەپتە ياۋروپاغا، ئارقىدىن ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن.

تەكالان تۈركىيە ساقچى باش ئىدارىسى تەرىپىدىن «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورىستلار» تىزىملىكىدە، ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 300 مىڭ لىرا مۇكاپات بېرىش بېكىتىلگەن كۈلرەڭ كاتېگورىيە ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر