ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا دائىر يېڭى تەپسىلاتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا

يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا 39 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ يېڭى تەپسىلاتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

645804
ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا دائىر يېڭى تەپسىلاتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇناسىۋەتلىك خادىملار نۆۋەتتە ھۇجۇمدا تېررورچىنىڭ باشقىلاردىن ياردەم ئالغانلىقى ھەققىدىكى دەۋالار تەكشۈرۈلمەكتە. ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، يېڭى يىل كېچىسى زەيتىنبۇرنۇدىن تاكسىغا ئولتۇرغان تېررورچىنىڭ سومكىسى قۇرۇق ئىدى. ھۇجۇمچى ھۇجۇمنى سادىر قىلغان جايغا يېقىن يەردىكى قۇرۇچەشمەدە ئۆزىگە ياردەم قىلغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ قورال ۋە ئوق – دورىلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئارقىدىن قەتلىئامنى سادىر قىلغان.

ساقچىلار، ھۇجۇمنى بىردىن كۆپ كىشىنىڭ سادىر قىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى ئۈستىدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

ھۇجۇمچىنىڭ زەيتىنبۇردا تۇرغان ئۆيىدىكى تەكشۈرۈشتە قولغا چۈشۈرۈلگەن 28 – دېكابىر تاكسىمدا ئايلىنىۋېتىپ تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرى ھەققىدىمۇ بەزى مۆلچەرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر تېررورىست ئەتراپتىكى بىۋاسىتە تارقىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەشكىلات مەركىزىدىكىلەرگە كۆرسەتكەن. كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگۈچىلەر ھۇجۇمچىنىڭ ئارقىسىدا بىرلىرىنىڭ بار – يوقلۇقىنى ئانالىز قىلغان.

تېررورچىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى بىلەن تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغانلىقى، بۇ جەرياندا كۇلۇبقا كىرگەن ساقچىلارغا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان قاراشلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا.

ھۇجۇمچى كېچىلىك كۇلۇبقا يېقىن يەردىكى بىر ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ بىخەتەرلىك كامېراسىغىمۇ چۈشۈپ قالدى؛ ھۇجۇمدىن يېرىم سائەت كېيىن ئېلىنغان مەزكۇر كۆرۈنۈشلەردە تېررورچىنىڭ ئەتراپتىكى ھەرىكەتلەرنى كۆزەتكەنلىكى، ھەتتا ئۇنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى خادىمى بىلەن سۆزلەشكەنلىكى كۆرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر