«ئىراقنىڭ سىنجار رايونىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ  ك  ك لاگېرى بولۇشىغا يول قويمايمىز»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئىراقنىڭ سىنجار رايونىنىڭ ئىككىنچى قەندىل (يەنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لاگېرى) بولۇشىغا ئەسلا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

645861
«ئىراقنىڭ سىنجار رايونىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ  ك  ك لاگېرى بولۇشىغا يول قويمايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ  ك ك نىڭ سىنجاردا بولۇپمۇ دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە يېزىدىيلەرنىمۇ باھانە قىلىپ، نوپۇز تىكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىراق دائىرىلىرىگە بۇنىڭغا يول قويماسلىقى لازىملىقىنى بىلدۈردۇق. سىنجارنىڭ ئىككىنچى بىر قەندىل بولۇشىغا ئەسلا يول قويمايمىز. باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئىراق زىيارىتى پىلان بويىچە شەنبە ۋەيەكشەنبە كۈنلىرى پايتەخت باغداد ۋە ئەربىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.»

ئىراقتا  يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان قالايمىقانچىلىقنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن قالىن، قەندىل ۋە باشقا رايونلاردا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى قاتتىق كۈرەش قىلىنمىغانلىقىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

باشىكا ھەربىي لاگېرى سەۋەبىدىن تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن قالىن، «بىزنىڭ باشىكا ھەربىي لاگېرىنى بەرپا قىلىشىمىزدىكى مەقسەتمۇ، كىملەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بەرپا قىلغانلىقىمىزمۇ ھەممىگە ئايان ئىدى. باش مىنىستىرىمىز بۇ مەسىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئىراقنىڭ مۇقىملىقى، مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتى ۋە دائېشتىن تازىلانغاندىن كېيىنكى مۇسۇل مەسىلىسى، تەلئەفەر، سىنجار ۋە باشقا رايونلارنى قايتىدىن بەرپا قىلىش قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىراقتا زىيارەتتە بولىدۇ» دېدى.

تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ھەممىگە ئايان ئىكەنلىكىنى، باغداد ياكى ئەربىل دائىرىلىرىنىڭ  ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشى ۋە تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرىدىغان تەدبىرلەرنى ئېلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن قالىن، «چۈنكى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى پائالىيەتلىرىنى ھەممە ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. ھازىرغىچە ئىراق تۇپراقلىرىدىن تۈركىيەگە بۇنداق تەھدىتلەر، ھۇجۇملار كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە تۇپراقلىرىدىن ئىراققا نە بىرەر تەھدىت، نە بىرەر ھۇجۇم كۆرۈلگىنى يوق. چۈنكى بىزنىڭ بۇنىڭغا يول قويۇشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر