ئەردوغان ۋە يىلدىرىم ئىزمىردا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىزمىر ئەدلىيە ئىدارىسى ئالدىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات بەردى.

645543
ئەردوغان ۋە يىلدىرىم ئىزمىردا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىزمىردىكى خائىن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى؛ ئەردوغان تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، تېررورلۇققا قەتئىي يول بېرىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «خائىنلارچە ھۇجۇملار بىرلىكىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان شېھىت بولغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىق تىلىدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ ھۇجۇم مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقىتىپ، ئىجتىمائىي تىنچلىقنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ تۈركىيەنىڭ بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە ئىمان بىلەن بۇ قىيىن كۈنلەرنى يېڭىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن باش مىنىستىر يىلدىرىم، «پەسكەش تېررورلۇق مەركەزلىرى باش ئەگمەيدىغانلىقىمىزنى بىلىشى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلو ۋە سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە بارغان ئىزمىر ئادنان مەندەرەس ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ھۇجۇمنىڭ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقىنى ۋە ھەجمىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە «خەلقىمىز ۋە ئىزمىرلىقلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ دۆلەتنى پارچىلىماقچى بولغان، بۇ مىللەتنىڭ قېرىنداشلىقىنى بوزماقچى بولغانلارنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنى ھەرگىز ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ» دېدى.

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان تۈركىيەنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان، ئېنېرگىيەسىنى خورىتىۋاتقان بۇ پەسكەش تەشكىلاتلارنىڭ ئەمدىلىكتە نۆۋەتلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باش مىنىستىر يىلدىرىم، بۇنىڭ تېررورلۇقنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنىڭ، مۇقەددەس نەرسىسىنىڭ، ئەھمىيەت بېرىدىغان ھېچقانداق قىممەت – قارىشىنىڭ يوقلۇقىنى ئوچۇق شەكىلدە كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىرىنى دائېش قىلسا، بىرىنى PKK قىلىدۇ، ئارقىدىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە بۇ شەكىلدە كېتىۋاتىدۇ. بۇ ئاخىرلىشىشنىڭ ھارپىسىدۇر. بۇ ئۇزۇن بىر كۈرەش بولسىمۇ، بۇ كۈرەشنىڭ غەلىبە قىلغۇچىسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى بولىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر