ئەردوغانغا سۇيىقەست قىلىش ئەترىتىنىڭ تېلېفون ئالاقىسى ئوتتۇرىغا چىقتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا سۈيىقەست قىلماقچى بولغان ئالاھىدە ئەترەتنىڭ 15 – ئىيۇل كېچىسدىكى تېلېفون ئالاقىلىرى ئېنىقلاندى.

645090
ئەردوغانغا سۇيىقەست قىلىش ئەترىتىنىڭ تېلېفون ئالاقىسى ئوتتۇرىغا چىقتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيانى جەريانىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا سۈيىقەست قىلماقچى بولغان گۇماندارلارنىڭ ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن گىرېتسىيەگە قېچىپ كەتكەن ۋە تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلغانلارنىڭ ھەربىي ئىسيانچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇئەييەنلەشتى.

ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تېررورىزم ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەر ئىشخانىسى فوتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەبىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى دائىرىسىدە، ئىسيان جەريانىدا تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن مارمارىسقا بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا سۈيىقەست قىلماقچى بولغان ئەترەتنىڭ كاتىۋېشى پالكوۋنىك ئاقتۈرك ۋە مۇئاۋىن پالكوۋنىك داۋۇت ئۇچۇمنىڭ تېلېفون ئارقىلىق باشقا بىر جايدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ۋە ھەبىي ئىسيان توسۇپ قىلىنغاندىن كېيىن گىرېتسىيەگە قېچىپ كەتكەن پولك يۈز بېشى ئابدۇللاھ يەتىك، پولك مىڭ بېشى ئەھمەت گۈزەل، ھەربىي ئافېتسىر مەسۇت فىرات، پولك يۈز بېشى فېرۇدون چوبان قاتارلىقلار بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلاشقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

تەكشۈرۈشتە قولغا ئېلىنغان پالكاۋنىك ئەلى ئاقتۈركنىڭ ئىسيان يۈز بەرگەن كېچىسى ئابدۇللاھ يەتىك بىلەن 3 قېتىم، ئەھمەت گۈزەل بىلەن 1 قېتىم كۆرۈشكەنلىكى، شۇ كىچىسى يەنە قولغا ئېلىنغان مۇئاۋىن پولكوۋنىك داۋۇت ئۇچۇمنىڭ، ئابدۇللاھ يەتىك بىلەن 12 قېتىم، فېرۇدون چوبان بىلەن 2 قېتىم، مەسۇت فىرات بىلەن 1 قېتىم تېلفوندا كۆرۈشكەنلىكى ئېنىقلاندى. 

بۇ تېلېفون كۆرۈشىشلىرى ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىسى تەرىپىدىن قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىگە قوشۇمچە قىلىنىپ، گىرېتسىيەنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرىغا يوللاپ بېرىلدى.

گىرېتسىيەنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەن ھەربىي ئىسيانچىلارغا دائىر مۇشۇ ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر