فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 133-كۈنىدە 18 دائېشچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە ئەلباب رايونىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، 18 دائېشچى ئۇجۇقتۇرۇلدى، 37 دائېشچى ئېغىر يارىلاندى.

643041
فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 133-كۈنىدە 18 دائېشچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پەيدا قىلغان تەھدىتلەرنى يوقىتىپ، چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە خەلقئارا بىرلەشمە قىسىمغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە 24-ئاۋغۇست سۈرىيەنىڭ شىمالىدا باشلانغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا ئىكەن. ھەربىي ھەرىكەتنىڭ 133-كۈنىدە، ئۆكتىچى گۇرۇپپىلاردىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە قىسىم ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن قىلىنغان ياردەملەر سايىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئەلبابتىكى 150 نۇقتىسىنى بومباردىمان قىلغان. تۈركىيە ئايروپىلانلىرى دائېشنىڭ قورال-ياراغ ئىسكىلاتى ۋە پاناھلىنىش جايىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت نۇقتىسىنى بىتچىت قىلغان.

رۇسىيەنىڭ ھاۋا بومباردىمانىدا داير كاك رايونىدىكى تېررورىستلار يوقىتىلغان.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلانغان رايونلاردا 25 دانە سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي 2604 سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا ۋە 43 مىنا بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر