دۇنيا رەھبەرلىرىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەزىيە تېلېفونى كەلمەكتە

يېڭى يىل كېچىسى 39 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 65 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا رەھبەرلىرىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەزىيە تېلېفونى كەلمەكتە...

642801
دۇنيا رەھبەرلىرىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەزىيە تېلېفونى كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ساريى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردە ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھ، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋە گىرىتسىيە پىرېزىدېنتى پروكوپىس پاۋلوپۇلوس ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ،  ئەردوغانغا ۋە تۈركىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرگەن، تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ھەمىشە تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر