نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىستانبۇلدىكى ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا كىملەرنىڭ بارلىقى ھەققىدە توختالدى
مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش «بىر كىشىنىڭ بارلىقى، بەلكى ئەتراپىدا ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلارنىڭمۇ بولۇش ئېھتىمالى... دېگەندەك بارلىق تەپسىلاتلار تېز سۈرئەت بىلەن تەكشۈرۈلمەكتە» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىستانبۇل ئورتاكۆيدە بىر كەچلىك كۇلۇبتا يۈز بەرگەن ۋە 39 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا قايسى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «بەزى ئىشارەتلەر بار، ئەمما ھازىرچە پالانچى تەشكىلات دېيەلمەيمىز» دېدى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا ھۇجۇم ھەققىدە توختىلىپ، «بىر كىشىنىڭ بارلىقى، بەلكى ئەتراپىدا ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلارنىڭمۇ بولۇش ئېھتىمالى... دېگەندەك بارلىق تەپسىلاتلار تېز سۈرئەت بىلەن تەكشۈرۈلمەكتە. چېتىشلىق يەرلەر بولسا، ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ» دېدى.
دۆلەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە دائېشنىڭ ئۇمرۇتقىسى سۇندۇرۇپ تاشلانغانلىقىنى، 2017 – يىلىدا پۈتۈن يىلىتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق بەزىلەرنىڭ سىگنال بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە مۇھىم مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈنلا بەزىلەرنىڭ بىئارام بولغانلىقىنى تەكىتلەپ: «تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەرگىز بوشاشمايمىز. بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىسمى مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بىرلا نىشانى بار. بۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ دۈشمىنىدۇر. بۇلارنى قوللاۋاتقان كۈچلەر تۈركىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى خالىمايدۇ. بۇلارغا قارشى بېرىلىدىغان ئەڭ چوڭ جاۋاپ بىرلىكىمىزنى كۈچلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى.