ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى بىلەن كۆرۈشتى

بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاستە دىيالوگنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى بىلەن كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاستە دىيالوگنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

بۇ دائىرىدە يېقىندىن بۇيانقى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ خۇشاللىنارلىق بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەردوغان بىلەن ئىبادى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، تېررورىزمنىڭ رايوننى مۇقىمسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سۆھبەتتە يەنە، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ يانۋاردا باغداتتا ئېلىپ بېرىشى پىلانلانغان زىيارىتىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش شۇنداقلا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم بىر پۇرسەت بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر