تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ي پ گ توغرىسىدىكى باياناتىغا ئوخشاش ئۇسلۇبتا جاۋاب قايتۇردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدىكى باياناتىغا ئوخشاش ئۇسلۇبتا جاۋاب قايتۇردى.

640055
تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ي پ گ توغرىسىدىكى باياناتىغا ئوخشاش ئۇسلۇبتا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە قانىتى ي پ گ نى قورال بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكىغا جاۋاب قاتۇرۇپ، «ھازىرغىچە ئامېرىكا ي پ گ گە قورال بەردى. چېكىت » دېدى.

بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن چاۋۇشئوغلۇ، «ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە مۇئەييەن ۋاقىتتىن بۇيان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىگە ھاۋادىن ياردەم بەرمەيۋاتىدۇ. پ ي د ۋە ي پ گ گە قورال ياردىمى قىلىۋاتىدۇ. چېكىت! ئۇلارمۇ ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. بىزمۇ ناھايىتى ياخشى بىلىمىز. ئامېرىكا ي پ گ گە قورال بەردى. چېكىت!» دېگەنلەر ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا بىرلەشمىنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ي پ گ ۋە پ ي د گە ياردەم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن، تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى، ي پ گ ۋە PKK غا قورال ياكى پارتلاتقۇچ بەرمىدى، چېكىت» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر