چاقماق خەۋەر: سۈرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە، سۇرىيە مىقياسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بۈگۈن كېچىدىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

640310
چاقماق خەۋەر: سۈرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «سۈرىيەدە توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر 30- دېكابىر سائەت 00:00 دىن باشلاپ دۆلەت مىقياسىدا ئۇرۇش توختىتىش بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى» دېدى.

باياناتتا، سۈرىيەدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى توغرىسىدا «ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قوبۇل قىلىنىۋاتقان گۇرۇپپىلار بۇ كېلىشىمنىڭ سىرتىدىدۇر. بۇ كېلىشىمنى تۈركىيە بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كاپالەتچى سۈپىتى بىلەن قوللىماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن كۆرۈشكەن پۇتىن، دەمەشق ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا ئۈچ ھۆججەتنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «بىرىنچى ھۆججەت، سۇرىيە زېمىنلىرىدا ئۇرۇش توختىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىككىنچى ھۆججەت، ئۇرۇش توختىتىش بەلگىلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئالاقىدار تەدبىرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۈچىنچى ھۆججەت بولسا، سۇرىيە مەسىلىسىگە چارە تېپىش ئۈچۈن تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى باشلاشقا مۇناسىۋەتلىك بىر باياناتتىن ئىبارەت» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر