چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن رۇسىيە ئايروپىلانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى.

638490
چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەلىك مەنسەپدېشى لاۋروۋغا تېلېفون قىلىپ، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئايروپىلانىنىڭ قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تەزىيە بىلدۈردى.

تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا يەنە، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەلىك مەنسەپدېشىغا قاتاردىكى سۈرىيەگە ئالاقىدار ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر