ئەمىنە ئەردوغان دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ خانىملىرىغا مەكتۇپ يازدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان دۇنيادىكى رەھبەرلەرنىڭ خانىملىرىغا مەكتۇپ يېزىپ، سۈرىيەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرگە دىققەت قوزغىدى.

638097
ئەمىنە ئەردوغان دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ خانىملىرىغا مەكتۇپ يازدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ خانىملىرىغا سۈرىيەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرگە دىققەت قوزغاش ئۈچۈن مەكتۇب يازدى. ئۇ مەكتۇبىدا: «سۈرىيە ئۈچۈن كۆز يېشى تۆكۈشتىن كۆپىرەك ئىش قىلىشقا مەجبۇر بولغان بىر دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز» دېدى. ئۇ رەھبەرلەرنىڭ خانىملىرىدىن خەلقئارا جەمئىيەتلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مەكتۇبىدا، بەش يىلدا سۈرىيەدە 600 مڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 7 مىليون ئادەمنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 5 مىليون ئادەمنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا مۇنداق دېدى:

«خىمىيەلىك قوراللارمۇ ئىشلىتىگەن ئۇرۇشلاردا، كىچىك بالىلار، ئاياللار ۋە پۇقرالار ئۆلتۈرۈلدى، ئەمدى يۈرىكىمىز بۇ دەرت-ئەلەملەرگە چىدىيالمايدۇ.»

ئۇ مەكتۇبىدا، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشتىن قاچقان 3 مىليون ئادەمگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ جىمجىتلىققا چۆمۈپ، قاراپ تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «سۈرىيە ئۈچۈن كۆز يېشى تۆكۈشتىن كۆپىرەك ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بولغان بىر دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز» دېگەن سۆزلىرى بىلەن دۇنيا ئاياللىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە دەۋەت قىلدى.

ئۇ دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ خانىملىرىغا: «سىلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە خەلقئارالىق جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن ئىشىنىمەن» دەپ خىتاب قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر