خالىد مەشئەل ب د ت نىڭ قارارىغا يۇقىرى باھا بەردى

ھاماس رەھبىرى خالىد مەشئەل ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلىپ، ب د ت نىڭ ئىسىرائىليە توغرىسىدىكى قارارىنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ ئېتىبارىنى قايتۇرۇپ بېرىش مەنىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

637685
خالىد مەشئەل ب د ت نىڭ قارارىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەھبىرى خالىد مەشئەل ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ قانۇنغا خىلاپ تۇرالغۇ سېلىش ھەرىكىتىنى توختىتىشى توغرىسىدىكى قارارىنىڭ، پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن ئېتىبارىنى قايتۇرۇپ بېرىش مەنىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

خالىد مەشئەل ئىستانبۇلدا يەتتە ھىلال جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «پەلەستىن» ناملىق يىغىنغا قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسىرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنلاردىكى قانۇنغا خىلاپ تۇرالغۇ سېلىش ھەرىكىتىنى «دەرھال ۋە پۈتۈنلەي» توختىتىش توغرىسىدىكى قارارى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ ب د ت نىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى ئىشغالچىلارغا قارشى بىر قارار چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«بۇ ئادىل قارارنى تەستىقلايمىز، بۇ مەسىلىدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قارار ئېلىشىنى كۈتىمىز. بۇ توغرا قارار بولۇپ، ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، خەلقىمىز ئۈچۈن ئېتىبارىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھېسابلىنىدۇ.

خالىد مەشئەل فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ: «تۈرك قېرىنداشلىرىم، سىلەر كوچىلارغا چىقىپ، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنى مەغلۇب قىلىپ، بىر داستان يازدىڭلار. ئى ئۇلۇغ تۈرك مىللىتىنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر بىر كېچىدە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنى يەڭگەن بولساڭلار، بىزمۇ پەلەستىندە ئىنشائاللاھ سىيونىزمنى يېڭىمىز» دېدى.

يىغىن ئاخىرىدا، خالىد مەشئەلگە مەسجىدى ئەقسانىڭ رەسىمى ھەدىيە قىلىندى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر