چاۋۇشئوغلۇنىڭ تېلېفون دىپلوماتىيەسى داۋاملاشماقتا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تېلېفون دىپلوماتىيەسى داۋاملاشماقتا.

637148
چاۋۇشئوغلۇنىڭ تېلېفون دىپلوماتىيەسى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىكى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فرېدېرىكا موغېرىنى، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئەلسانى ۋە ۋېنېسۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېلسى رودرىگۇئېز بىلەن تېلېفونلاشتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇنىڭ  موغېرىنى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيەدە ئومومىيۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ھەمدە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە كەلگۈسىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان. قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيە كىرىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ۋېنېسۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رودرىگۇئېز چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ۋېنېسۇئېلا ھاۋا قاتنىشىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر