تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيە باش ئەلچىسىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان قوراللىق ھۇجۇم ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

633795
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، باش ئەلچى كارلوۋنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان سۈيىقەستنىڭ پەردە ئارقىسىدىكىلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېنىقلىنىپ، تۈركىيە سوتىنىڭ ئالدىغا چىقىرىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئەنقەرە باش تەپتىش مەھكىمىسى ۋەقەدىن كېيىن، ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكىنىڭ تېزدىن ئېنىقلانغانلىقىنى ۋە ئائىلىسىدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ جەرياندا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە تەزىيەسىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر