«دۇنيا ھەلەب ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇشى، بۇ سەتچىلىك بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك»

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك، دۇنيانىڭ سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

631119
«دۇنيا ھەلەب ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇشى، بۇ سەتچىلىك بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئۆمەر چەلىك، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان كارىدور ئېچىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، لېكىن، بۇ تىرىشچانلىقنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ھازىرمۇ كارىدورغا ھۇجۇم قىلىندى» دېگەن چەلىك، بۇ قەتلىئاملارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ دۇنيا ئۈچۈن نومۇس قىلارلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. چەلىك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىز بىر كۈندە 100 مىڭ كىشىنى مېھمان قىلغان يەردە ياۋروپا 100- 200 ئادەم ئۈچۈن سودىلىق قىلىدۇ، مەسىلىنى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاشقا قويۇشقا تىرىشىدۇ» دېدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئېلىنغان يولنىڭ ھەلەبكە پايدىلىق بىر نەرسىگە ئايلانمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئۆمەر چەلىك، «ھەلەب ئۈچۈن دۇنيا ئورنىدىن تۇرۇشى كېرەك. بۇ سەتچىلىك بىلەن دۇنيا يۈزلىشىشى لازىم»  دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر