چاۋۇشئوغلۇ بىر قاتار ئەللەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ھەلەب توغرىسىدا سۆزلەشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتار قاتارلىق ئەللەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشتى.

630009
چاۋۇشئوغلۇ بىر قاتار ئەللەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ھەلەب توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ھەلەب مەسىلىسى توغرىسىدا بىر قاتار ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدىكى شىددەتلىك ھۇجۇملار ۋە پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىك جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتار قاتارلىق ئەللەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشتى؛ لاۋروۋ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا چاۋۇشئوغلۇغا شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە بىلدۈردى. ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە نۇقتىلىق ھالدا ھەلەب مەسىلىسى، ئومۇمەن سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار مۇھاكىمە قىلىندى. چاۋۇشئوغلۇ بۇ دائىرىدە، سۇرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ھەلەبتىكى شىددەتلىك ھۇجۇملىرىنى تىلغا ئالغان ھالدا، ئۇ  يەردىكى پۇقرالارنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ھەلەبتىكى ئۇرۇش توختىتىشتىن ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەنسەپدېشى ئادىل ئەلجۇبەير بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ھەلەب ۋە سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

سۇرىيە ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ شەرقىي ھەلەبتىكى مۇھاسىرىسى بىلەن شىددەتلىك بومباردىمانلىرىنىڭ نارازىلىق پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، ئىككى مەھەللىگە قاپسىلىپ قالغان ئون مىڭلارچە پۇقرانىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ھەر ئىككى مىنىستىر ھەلەبكە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ دەرھال توختىتىلىشى ۋە شەرقىي ھەلەبتە قالغان نوپۇسنىڭ بىخەتەر شەكىلدە تارقاقلاشتۇرۇلۇشىنىڭ كېچىكتۈرۈلمەستىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، رايونغا ئىنسانىي ياردەمنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش يولىدا خىزمەت ئىشلەش توغرىسىدا كېلىشتى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ قاتارلىق مەنسەپدېشى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن جاسىم ئەسسانى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدىمۇ، ھەلەب قاتارلىق رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بۇ دائىرىدە قاتارنىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مەنسەپدېشىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر