«كىمنىڭ دوست، كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈشنى خالايمىز»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر قۇرتۇلمۇش ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرۇلۇق توختالغاندا، «كىمنىڭ دوست، كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈشنى خالايمىز» دېدى.

629613
«كىمنىڭ دوست، كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈشنى خالايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدىكى خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان پ ك ك نى باغرىغا بېسىۋاتقان ياۋروپا ئەللىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى قورال – ياراغلارنى بازاردىن سېتىۋالمايدۇ. پ ك ك نىڭ ياۋروپادىكى  پائالىيەتلىرىنى چەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھازىرمۇ پ ك ك ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇ ھەممىگە ئايان. پ ك ك تەرەپدارلىرى پ ك ك غا قارشى بولغان تۈركىيە خەلقىگە بېسىم ئىشلىتىشكىچە بولغان تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرنى قىلىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى  تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتۇشى لازىم. جۈملىدىن بۇ ھەقتە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. بىز بۇ مەسىلىدە  كىمنىڭ دوست، كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈشنى خالايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر