دۇنيانىڭ تۈركىيەنى قوللاش سىگناللىرى يېتەرلىك ئەمەس
مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش 10-دېكابىر ئاخشام ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركىيەنى قوللاش سىگناللىرىنىڭ ئىجابىي ئىكەنلىكىنى، بىراق يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چانكايا سارىيىدا ئېچىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى داۋام قىلىۋاتقاندا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ۋە مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى. ئۇ يىغىندا، ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، خىزمەتلەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسى بويىچە ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ پ ك ك، دائېش ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «شەنبە كۈنى ئاخشام بومبا پارتلاتقانلار، بەلكىم تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ۋەقەگە بىر پۈتۈنلۈك نۇقتىسىدىن قارىغان ۋاقتىمىزدا، بۇنىڭ ۋاكالىتەن قىلىنىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىلغان بىر ئويۇنچۇق پەيدا قىلغان ھۇجۇم ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق» دېدى.
مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن چوقۇم ھېساب سورىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەقسىتى قورقۇنچ ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشتۇر. شۇڭا، ھەممەيلەن شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بىز مىللىي ئورتاق ئىرادىمىزنى نامايان قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىنىمىزدا، قورقۇنچ، ۋەھىمە ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش سىياسىتىگە تەسلىم بولمايمىز، مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قەتئىي تىز پۈكمەيمىز، ھەرگىزمۇ تېررورلۇققا كۆنمەيمىز، خەلقىمىز ئەڭ ئاخىرىدا بۇ كۈرەشتە، تېررورلۇققا قارشى بۇ ئۇرۇشتا چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ. خەلقىمىز بۇ دۆلەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۇپ، ئويۇنچۇقلارنى پايدىلانغىلى بولمايدىغان، كارغا كەلمەس ھالغا كەلتۈرىدۇ» دېدى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، كىمنىڭ دوست، كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركىيەنى قوللاش سىگناللىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ سىگناللارغا ئىجابىي قارايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز، بىراق يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىمەن. بۇندىن كېيىن، بىزنى قوللىغان دۆلەتلەردىكى دوستلىرىمىز سەمىمىي ھالدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.»
ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى پائالىيەتلىرىدىن بەزى مىساللارنى تىلغا ئېلىپ، پ ك ك نىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدىغان ۋەزىيەتنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «پ ي د بىلەن ي پ گ نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى، بىراق قەستەن ئۇلارنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى دەۋاتقانلار بار. ئىستانبۇلدىكى ھۇجۇم، پ ي د، ي پ گ ۋە پ ك ك ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرقنىڭ يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى. بۇ دائىرىدە، ئۇ يەرلەردىن بېرىلگەن قورال-ياراغلارنىڭ پ ك ك نىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.