چاۋۇشئوغلۇ: دۇنيا سۈكۈت قىلغان تەقدىردىمۇ تۈركىيە سۈكۈت قىلمايدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدىكى پاجىئەنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

629508
چاۋۇشئوغلۇ: دۇنيا سۈكۈت قىلغان تەقدىردىمۇ تۈركىيە سۈكۈت قىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان چېخىيە (چېخ) جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇبومىر زائورالېك بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە ۋە رۇس ئەمەلدارلارنىڭ ئەتە (چارشەنبە) ھەلەب توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن چاۋۇشئوغلۇ، بۇنىڭ يېڭى ئەھۋال ئەمەسلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىق ۋە ئۇچرىشىشلىرىنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، پۇقرالارنىڭ شەھەردىن چىقىرىلىشى ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ يارىدارلار داۋالانمىسۇن، دەپ دوختۇرخانىلارنىمۇ بومباردىمان قىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ھەممە سۈكۈت قىلغان تەقدىردىمۇ تۈركىيەنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، «چۈنكى، زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغۇچى زۇلۇم قىلغۇچىغا ئوخشاشلا جىنايەتكاردۇر» دېدى.

بۇ جەرياندا، رۇس ئەمەلدارلار بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرىدىن سىرت دۆلەت بىخەتەرلىك تەشىلاتى ئەزالىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر