تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئېغىر زەربە بەردى

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت نىشانلارنى بومباردىمان قىلدى.

628491
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئېغىر زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 20.50 - 21.40 ئارىلىقىدا زاپ رايونىدىكى پ ك ك غا ئائىت نىشانلار بومباردىمان قىلىندى.

24 قېتىملىق بومباردىماندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرى ئىشلەتكەن ئاتالمىش قارارگاھ ۋە ئەتراپىدىكى قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى، 12 قوغدىنىش نۇقتىسى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.

ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىغاندىن كېيىن بىخەتەر ھالدا بازىلىرىغا قايتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر