مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەل بابقا ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە توختالدى

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە ئارمىيەسى قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەلبابنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەل بابقا ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە توختالدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەركىن سۈرىيە ئارميىەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ يارىدىمى بىلەن ئەل بابقا كىرىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 24 – ئاۋغۇستتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائېرىسىدە ئەل بابقا كىرىپ بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەلەرگە دائىر بايانات ئېلان قىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە ئارمىيەسى قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەلبابنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بۇ يەردىكى ھەربىي ھەرىكەتنى تاماملاپ بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. مۇنبىچقا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن بىزنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىمىزدىن تەركىپ تاپقان ئەترەت يوللىدۇق. ئۇلار مۇنبىچتا تەكشۈرۈشلەردە بولىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى بولغان ي پ گ نىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن تولۇق خاتىرجەم بولغانغا قەدەر بۇ ھەرىكەتلىرىمىز داۋاملىشىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر