تۈركىيە، گېرمانىيە باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە، گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارتىن ئېردماننى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، نارازىلىقىنى يەتكۈزدى.

625954
تۈركىيە، گېرمانىيە باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە پاسپورتىنى ئوغرىلىتىپ قويغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئايشەنۇر باھچەقاپىلىنىڭ ئايرودۇرۇمدا توختىتىلىپ قويۇلۇشىدىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارتىن ئېردمان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلىپ، تۈركىيەنىڭ نارازىلىقى يەتكۈزۈلدى.

گېرمان باش ئەلچى مۇئاۋىن مىنىستىر سەۋىيەسىدە قوبۇل قىلىندى.

پاسپورتى ئوغرىلانغان ئايشەنۇر باھچەقاپىلى تۈركىيەگە قايتىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق پاسپورت چىقارغۇزغانىدى. لېكىن، گېرمانىيە ساقچىلىرى، ۋاقىتلىق پاسپورتتا مەسىلە بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باھچەقاپىلى ۋە ھەمرالىقىدىكىلەرنى ئايرودۇرۇمدىكى ساقچى پونكىتىدا توختىتىپ قويغانىدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ئەھۋال نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «سەن تېررورچىنى ئېلىپ دۆلىتىڭدە مېھمان قىلىسەن. لېكىن بۇ دۆلەتنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ھەيئىتىنى ئۇ يەردە ئىشىكنىڭ ئالدىدا بىر قانچە سائەت ساقلىتىسەن. ئەمدى بۇلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك بولمامدۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىن ئەردوغان دىكتاتور بولىدۇ. سەن مېنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىغا بۇ خىل مۇئامىلىنى قىلساڭ، مېنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك. بۇ ئىشنى قىلغان بارلىق خادىملارغا كېرەكلىك ئىشلارنى قىلمايدىغان بولساڭ، تۈركىيەمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇردۇر» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر