سۈرىيەدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، 23 دائېش ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى، سۈرىيەنىڭ ئەلباب رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغان بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

625427
سۈرىيەدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، 23 دائېش ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، سۈرىيەنىڭ ئەلباب رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغان ئەسكەرلەر نىشانغا ئېلىنغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 1 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 6 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى، تۈركىيەگە كەلتۈرۈلۈپ بالنىستقا ئېلىنغان يارىدار ئەسكەرلەردىن بىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 23 تېررروچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى، رايوندىكى ھاۋا ھەرىكىتى نەتىجىسىدە دائېشنىڭ ئونلارچە نۇقتىسىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر