«ياۋروپا تۈركىيە ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى چىقسا ئارام تېپىپ قالىدۇ»

جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ياۋروپانىڭ تۈركىيە ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى چىقسا ئارام تېپىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

624683
«ياۋروپا تۈركىيە ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى چىقسا ئارام تېپىپ قالىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، ياۋروپانىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل  قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە توسالغۇ بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىبراھىم كالىن كۈندىلىك ساباھ گېزىتىدە «ياۋروپانىڭ مەسىلىلىرى»سەرلەۋھىسى ئاستىدا ماقالە ئېلان قىلدى.

كالىن  ماقالىسىدە ياۋروپانىڭ رادىكال سىياسىي دولقۇنغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، ياۋروپادا كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملاردا ئىسلام ئەندىشىسى ۋە چەت ئەل دۈشمەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك گەپ-سۆزلەرنىڭ ئۇلغىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاۋسترىيە سايلاملىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ ئىرقچى سىياسەتلەرنىڭ مەسىلىلەرنى يىلتىزىدىن ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىبراھىم كالىن فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەدىمۇ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدە بۇنىڭغا ئوخشاش مەنزىرىلەرنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رادىكال مىللەتچى رەھبەرلەرنىڭ ئىرقچى شوئارلار بىلەن سايلىغۇچىلارنىڭ بىر تەرەپلىمە  قاراشلىرىنى تېخىمۇ ئوزۇقلاندۇرۇپ ھەققىي ۋە رىئال مەسىلىلەردىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىبراھىم كالىن ئىتالىيەدە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن ھۆكۈمەت كىرىزىسىنىڭ ياۋروپادا ئېغىر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلەر پەيدا قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتتى.

كالىن ياۋروپادىكى سايلام كەيپىياتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ياۋروپانىڭ مەسىلىلىرىنى ئاشقۇن ئېقىملار ئورنىغا ئەقەللىي قىممەت-ئۆلچەملىرىنى ئاساس قىلغاندا ھەل قىلالايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

ئىبراھىم كالىن سىياسىي مەشھۇرلۇق بەدىلىگە تۈركىيەگە دۈشمەنلىك قىلىشنىڭ تۈركىيەدىن بەكرەك ياۋروپانىڭ ئۆزىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر