تۈركىيە گىرېتسىيە مەھكىمىسىنىڭ ئىسيانچى ئەسكەرلەر قارارىغا ئىپادە بىلدۈردى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، گىرېتسىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى ئەزالىرىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇش ئۈچۈن، پۈتكۈل تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

624393
تۈركىيە گىرېتسىيە مەھكىمىسىنىڭ ئىسيانچى ئەسكەرلەر قارارىغا ئىپادە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئىشىق، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن سىكورسكي تىپلىق ھەربىي تىك ئۇچار بىلەن گىرېتسىيەگە قېچىپ كەتكەن 8 ھەربىي ئىسيانچىنىڭ ئۈچىنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشىغا دائىر تەلەپنىڭ گىرېتسىيە مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۈگۈن (دۈشەنبە) رەت قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات بېرىپ، «گىرېتسىيە، تۈركىيە بىلەن ناتودا ئىتتىپاقداشتۇر، ناتو ئىتتىپاقدىشىمىزدۇر. ئاتېنا ئىتتىپاقداشلىق ھەمكارلىقى ئۈلگىسىنى نامايان قىلىشى لازىم» دېدى.

بۇ جەرياندا، ئاتېنادىكى ئالىي سوت مەھكىمىسى قالغان بەش ھەربىي ئىسيانچىنىڭ دېلوسىغىمۇ قاراپ چىقىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر