بىنالى يىلدىرىم رۇسىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بۈگۈن (5-دېكابىر) رۇسىيەدە تۇنجى قېتىم باش مىنىستىر سەۋىيەسىدە رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

623603
بىنالى يىلدىرىم رۇسىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2015-يىلى 24-نويابىر رۇسىيەنىڭ «Sukhoi Su-24M» تىپلىق ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلىشى بىلەن باشلانغان تۈركىيە-رۇسىيە يىرىكچىلىكىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم رۇسىيەنى زىيارەت قىلىدىغان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ.

بىنالى يىلدىرىم رۇسىيە زىيارىتى دائىرىسىدە، رۇسىيە باش مىنىستىرى دمىترى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كىرىزىستىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە كېلىشى ئۈچۈن بېسىلىدىغان خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. مۇزاكىرەلەردە، تۈركىيە رۇسىيەگە ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلاردىن بىرى بولغان شوخلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆكتاتلارغا قويۇلغان ئېمبارگونى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۆزئارا سودىدا تۈركىيە لىراسى بىلەن رۇسىيە رۇبلىسىنى قوللىنىش، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىق تېمىلار كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىش، ئىراق مەسىلىسى ھەمدە سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن 24-ئاۋغۇست تۈركىيەنىڭ باشچىلىقىدا باشلانغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ رۇسىيە زىيارىتىدە، ھەر قايسى مىنىستىرلار ۋە نۇرغۇنلىغان سودا-سانائەتچىلەرنىڭ بىرگە بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. بىنالى يىلدىرىمنىڭ زىيارىتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مىنىستىرلىق مەزگىلىدىن كېيىن، رۇسىيەگە باش مىنىستىر سەۋىيەسىدە قىلىنغان تۇنجى زىيارەت ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر