دىيارباكىر بىلەن شىرناقتا پ ك ك غا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ دىياباكىر بىلەن شىرناق ئېلىپ بارغان ھاۋا ھەرىكىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ توققۇز ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

617509
دىيارباكىر بىلەن شىرناقتا پ ك ك غا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى دىيارباكىر ۋە شىرناقتا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.  باياناتقا ئاساسلانغاندا، قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىستىخبارات ئۇچۇرىنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە، دىياباكىرنىڭ لىجە يېزىسىدا پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلانغان. تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرى ۋە پاناھلىنىش جايلىرىنى بىتچىت قىلىپ، ئالتە تېررورىستنى ئۇجۇقتۇرغان.

خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان جايلارنى تىنىتىش قىلغان. بۇ جەرياندا چىققان ئېتىشىشلاردا، بىر تېررورىست ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، يەنە بىر ئىستىخبارات مەلۇماتىغا ئاساسەن شىرناق ئەتراپىدىمۇ ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ھەرىكەتتە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىككى پاناھلىنىش نۇقتىسى بىتچىت قىلىنغان، ئىككى تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلغان.

ھاۋا ئارمىيە ئايروپىلانلىرى ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىن، بىخەتەر ھالدا بازىغا قايتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر