ھاققارىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

ھاققارىنىڭ شەمدىنلى ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

616718
ھاققارىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك دەرەجىك كەنتىدىكى كىلىت تەپە ھەربىي بازاىسىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا ئېغىر يارىلانغان بىر ئەسكەر يۈكسەكئوۋا دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بىراق داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي بەختكە قارشى شېھىت بولغان.

رايوندا تېررورىستلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ھەربىي ھەرىكەت باشلانغان.

بۇ ئارىلىقتا، تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن، باسيان ۋە گارا رايونلىرىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى نىشانلىرىغا ئۇدا 5 قېتىم ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر