بۈگۈن 24 – نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى

تۈركىيە رەھبەرلىرى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

616768
بۈگۈن 24 – نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ 2023 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانلىرىغا پەقەت ئاڭلىق، مىللىي ۋە مەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرىگە ئاساسلىنىدىغان تالانتلىق ئەۋلادلار ئارقىلىقلا يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئوقۇ – ئوقۇتۇش نىزامنامىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەۋلادلىرىمىز ئۇزۇن يىللار سىياسىي ۋە ئىدىئولوگىيە جەھەتتىن بىر خىل ۋە تار دائىرىدىكى ئاڭغا ئاساسەن ئوقۇشقا مەجبۇر بولدى. <ماڭا بىر ھەرپ ئۆگەتكەن كىشىنىڭ 40 يىللىق مالىيى بولىمەن> ئېڭىنى ئاساس قىلىدىغان بىر ئەنئەنىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا بولغان ئىپتىخارلىق بۇرچىمىزنى ھېچقاچان ۋە تولۇق ئادا قىلالمايدىغانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىمىز. شۇنداق بولسىمۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى قوللاش، ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»

باش مىنىستىر يىلدىرىم بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا ئوينايدىغان رولىنىڭ ناھايتى زورلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «24 – نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.»

مائارىپ ئىشلىرى مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئوقۇتقۇچىلار  ھەم ئادەم تەربىيەلەيدىغان ھەم بىر مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر بەرپا قىلىدىغان يول باشچىلاردۇر» دېدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى ھۇلۇسى ئاقارمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر ئەۋلادىنى توغرا نىشانلارغا ئاساسەن تەربىيەلەش يولىدا قان – تەر ئاققۇزۇۋاتقان مېھنەتكەش ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر