زاپ رايونىدىكى پ ك ك ئۇۋىلىرى بىتچىت قىلىندى
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ رايوندىكى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ پاناھلىنىش جايلىرى ۋە مۇھىم نۇقتىلىرىنى بىتچىت قىلدى.
تۈركىيە ئارمىيە تەرەپتىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن (22-نويابىر) چۈشتىن كېيىن سائەت 16:57 دىن 17:24 ئۆتكىچە بولغان ئارىلىقتا، ئېلىنغان ئۇچۇرلار ئانالىز قىلىنغاندىن كېيىن، زاپ رايونىغا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاناھلىنىش جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت نۇقتا بىتچىت قىلىنغان.
ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بازىغا بىخەتەر قايتىپ كەلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيەدە بۈگۈن 159يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن159كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.