تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دائېش ۋە پ ي د غا تەۋە نۇرغۇن بازا بىتچىت قىلىندى

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دائېش بىلەن پ ي د غا تەۋە نۇرغۇن بازىنى بىتچىت قىلدى.

614376
تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دائېش ۋە  پ ي د غا تەۋە نۇرغۇن بازا بىتچىت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن تېررورچىلارنىڭ تازىلىنىشى ئۈچۈن بۇ يىل 24-ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ باشچىلىقىدا قوزغالغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دائېش ۋە پ ي د-پ ك ك غا تەۋە 21 بازا بىتچىت قىلىندى.

ئەل بابنىڭ شىمالىي، شەرقىي شىمالىي ۋە غەربىگە جايلاشقان رايونلار بىلەن كابباسىن ۋە سۇفلانىياخ رايونلىرىدىكى دائېشقا تەۋە 17 بازىغا 16 بومبا ئېتىلىپ ۋەيران قىلىندى.

ھەربىي ھەرىكەتلەردە تۈركىي ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرى 2 بازىنى بىرلا بومبا بىلەن بىتچىت قىلدى.

يىلانلى ۋە قۇرتۋىران رايونلىرىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د –پ ك ك غا تەۋە 4 بازىغا 4 بومبا ئېتىلىپ ۋەيران قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر