جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئىسلام كېرېموۋنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پاكىستاندىكى ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن تۈنۈگۈن كەچتە خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا يېتىپ بارغانىدى.

613110
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئىسلام كېرېموۋنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان كېرىموۋنىڭ قەبرىسى بار جايدا ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنت ۋەكىلى ۋە باش مىنىستىرى شەۋكەت مىرزىيايېۋ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

قەبرىستاندا ئۆزبېكىستان مۇسۇلمانلار ئورگىنىنىڭ باشلىقى مۇپتى ئۇسمانخان ئالىمىۋ بىلەن سەمەرقەند ۋىلايەت مۇپتىسى نۇرىدخان ئىسلاموۋ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى.

ئەردوغان كېيىنچە مىرزىيايېۋدىن ئۇچۇر ئىگىلىدى.

ئۆزبېكىستاننىۇڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كېرېموۋنىڭ ناھايتى مۇھىم بىر شەخس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مىرزىيايېۋ زىيارىتى ئۈچۈن ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.

ھەيئەتلەر ئارا خىزمەت تامىقىدىن كېيىن ئىمام ۇخارى ۋە ئىمام ماتۇرىدىنىڭ مەقبەرەلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىدىغان ئەردوغاننىڭ سەمەرقەندتىكى ئاخىرقى بېكىتى تارىخىي رېگىستان مەيدانى بولىدۇ.

ئۆزبېكىستان  زىيارىتىدە ئەردوغانغا مۇئاۋىن باش مىنىستىرلاردىن ۋەيسى قايناق بىلەن تۇغرۇل تۈركەش، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۇل سايان قايا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي  بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى قاتارلىقلار ھەمراھ بولماقتا.

ئەردوغان پاكىستاندىن ئايرىلىش ھارپىسىدا باش مىنىستىر نااۋاز شېرىف تەرىپىدىن شەرىپىگە بېرىلگەن كەچلىك تاماق زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلدى. ئارقىدىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى  Twitter سپەھىپىسىدە پاكىستان زىيارىتى توغرۇلۇق مۇنۇلارنى ھەمبەھىرلەشتى: «پاكىستانغا قىلغان رەسمىي زىيارىتىمىز ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك ھەم قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە تۈرتكلىك رول ئوينايدۇ. دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت پاكىستان خەلقىنىڭ ۋە پاكىستاننىڭ زىيارىتىمىز جەريانىدا بىزگە نامايەن قىلغان مېھماندوستلۇقىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. زىيارىتىمىز جەريانىدا بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالغان پاكىستان پىرېزىدېنتى مەمنۇن ھۈسەيىن ۋە باش مىنىستىرى نااۋاز شېرىفكە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. لاھوردا زىيارەتتە بولغاندا بىزنى ئالاھىدە كۈتۈۋالغانلىقى ئۈچۈن، پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ باش مىنىستىرى شاھباز شېرىفكە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق سۆيگۈسىنىڭ كەلگۈسىدىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. پاكىستان خەلقىگە قىزغىن سالام يوللايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر