«بېلگىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە جىددىي قەدەم تاشلىشى كېرەك»

جۇمھۇر رەئىسلىك ساريى مەسلىھەتچىسى ئىبراھىم قالىن بېلگىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە جىددىي قەدەملەرنى تاشلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

612891
«بېلگىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە جىددىي قەدەم تاشلىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پاكىستان زىيارىتى ھارپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «<بېلگىيە نۆۋەتتە پ ك ك نىڭلا ئەمەس، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭمۇ مۇھىم ئادرېسى بولۇپ قالدى> تەرىقىسىدىكى بايانات تۆھمەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن بېلگىيە باش مىنىستىرى چارلېز مايكېلگە يازنا بايانات ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بېلگىيە ھۆكۈمىتى ئوچۇق – ئاشكارا بولغان ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئورنىغا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتۇشى، خەۋپلىك خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، جىددىي قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر