ئەردوغان  پاكىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

زىيارەت جەريانىدىكى ئۇچرىشىشلاردا رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

611224
ئەردوغان  پاكىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  16 – ۋە 17 – نويابىر كۈنلىرى پاكىستاندا، 17 – ۋە 18 – نويابىر كۈنلىرى ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئاخبارات مەركىزىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەردوغاننىڭ پاكىستان زىيارىتى جەريانىدا پىرېزىدېنت مەمنۇن ھۇسەين ۋە باش مىنىستىر ناۋاز شەرىف بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ھەمدە دۆلەتلىك پارلامېنت بىلەن پالاتانىڭ ئورتاق يېغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەردوغان تۈركىيە ۋە پاكىستاننىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك شىركەتلىرىنىڭ باشلىقىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا باش مىنىستىر ناۋاز شەرىف بىلەن بىرلىكتە قاتنىشىدۇ. ئارقىدىن لاھۇردا زىيارەتلەردە بولىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 17 – ۋە 18 – نويابىر كۈنلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ ۋە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنت ۋەكىلى باش مىنىستىر شەركەت مىرزايېۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇچرىشىشتا تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا يەنە، رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ۋە ھەمكارلىقلارنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇرۇلۇشى ھەمدە كەچەيتىلىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر پۇرسەت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر