تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك پارچىلىنىشقا باشلىدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىكى ئىچكى توقۇنۇشنىڭ تەشكىلاتقا يېڭى قاتناشقانلار بىلەن كونا ئەزالار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

611057
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك پارچىلىنىشقا باشلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك پارچىلىنىش باسقۇچىغا كىردى. تېررورچىلار بىر - بىرى بىلەن توقۇنۇشنى باشلىدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ھاككارى، جۇقۇرجا ۋە يۈكسەك ئۇۋادا 24 – ئاۋغۇست باشلانغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 510 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە تۈركىيە ئارمىيەسى بېسىپ كىرىپ تازىلاش ھەرىكىتى ئارقىلىق رايوندىكى تېررورچىلارنى پىسخىئولوگىيە جەھەتتىن ئېغىر بېسىم ئاستىغا ئالدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان ھەرىكەتلىرى، تېررورچىلارنى نەپەس ئالالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى.

قاتتىق ئۈمىتسىزلىككە چۆككەن  تېررورچىلارنىڭ پىسخىئولوگىيەلىك ھالىتى سىمسىز ئالاقىلىرىدىمۇ نامايان بولدى.

ھاككارى 3 – دىۋېزىيە قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق قىسىملار سىمسىز ئالاقىلىرىنى تىڭشاش ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىتى پ ك ك غا تەۋە 2 گۇرۇپپىنىڭ بىر - بىرى بىلەن  قوراللىق توقۇنۇشقانلىقىنى بايقىدى.

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى شېتۈنۈس رايونى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشنىڭ توغرا ئىكەنلىكى رايوندىكى مەنبەلەردىنمۇ ئىگىلەندى.

تېررورچىلارنىڭ سىمسىز ئالاقىلىرىدىنمۇ توقنۇشتا ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان تېررورچلارنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى.

توقۇنۇشنىڭ تەشكىلاتقا يېڭى قاتناشقانلار بىلەن كونا ئەزالار ئوتتۇرىسدا يۈز بەرگەنلىكى، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا يېڭى قېتىلغانلارنىڭ ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇشۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى، بۇ قېتىمقى ئىچكى توقۇنۇشقا قاراپ تۇرۇپ ئۆلۈمگە يوللانغانلىقى تۈپەيلىدىن تەشكىلاتنىڭ كونا ئەزالىرىغا بىلدۈرۈلگەن نارازىلىق سەۋەب بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بەرگەن  بۇ خىل توقۇنۇش بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ سىمسىز ئالاقىلىرىنى تىڭشاش ئارقىلىق ئېنىقلانغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر