ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەلبابقا كىرىشىگە ئىككى كىلومېتىر مۇساپە قالدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئىزچىل داۋاملاشماقتا.

609659
ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەلبابقا كىرىشىگە ئىككى كىلومېتىر مۇساپە قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 24 نۇقتىسى توپقا تۇتۇلدى؛ توقۇنۇشتا ئىككى ئۆكتىچى شېھىت بولدى، 1 ئۆكتىچى يارىلاندى.

ئۆكتىچىلەردىن تەشكىل تاپقان <ئالاھىدە ۋەزىپە ئۆتىگۈچى كۈچلەر>، 6 ئاھالىلەر رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى ئاساسەن دېگۈدەك قولىغا ئالدى.

شۇنداق قىلىپ، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەلەبنىڭ شىمالىغا جايلاشقان دائېش كونتروللۇقىدىكى باب  ناھىيەسىگە كىرىشىگە 2 كىلومېتىرلا مۇساپە قىلدى.

يېقىنقى 3 كۈندىن بۇيان مارە – جەرابلۇس لىنىيەسى بويىچە جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى ئاشۇرغان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى كۈچلىرى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە 1600 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن جاي تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلدى، خالىيلاشتۇرۇلغان جاينىڭ چوڭقۇرلۇقى تۈركىيە چېگراسىدىن جەنۇبقا قاراپ 27 كىلومېتىرغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر