ئەردوغان پادىشاھ سەلمانغا تەزىيە بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇدقا تېلېفون ئېلىپ تەزىيە بىلدۈردى.

609567
ئەردوغان پادىشاھ سەلمانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇدقا تېلېفون ئېلىپ، قېرىندىشى ئەمىر تۈركىي بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇدنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

ئەمىر تۈركىينىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پادىشاھ سەلمان ۋە ئۇ ئارقىلىق پۈتكۈل سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقىگە تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۇنجى پادىشاھى ئابدۇلئەزىزنىڭ 21 – ئوغلى بولغان تۈركىي بىن ئابدۇلئەزىز 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر