«مەن دىكتاتور بولغان بولسام، خەلقىم ئەركىن - ئازادە ياشىيالمىغان بولاتتى»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزى دىكتاتور بولغان بولسا، تۈركىيە خەلقىنىڭ ئەركىن - ئازادە ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

608510
«مەن دىكتاتور بولغان بولسام، خەلقىم ئەركىن - ئازادە ياشىيالمىغان بولاتتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان «‹ئەلجەزىرە› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياتىنىڭ داۋامىدا، «دىكتاتور» دېگەندەك ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ دۇنيادىكى ھېچ ئۇيغۇن بولمىغان ئىدىئولوگىيەنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى، بىر دۆلەت باشلىقىنىڭ دىكتاتور بولۇشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شۇ دۆلەتتىكى ياشاش شارائىتلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا شەكىللىنىشى، ئىنسانلارنىڭ ئەركىن – ئازادە ھالدا ياشىيالماسلىقى، ئوي – پىكىرلىرىنى ئەركىن – ئازادە ھالدا ئوتتۇرىغا قويالماسلىقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ بولماسلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ دۆلىتىمدە بۇنداق بىر مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. دەرۋەقە، ھەممە ئوي – پىكىرلىرىنى ئەركىن - ئازادە ھالدا ئوتتۇرىغا قويالايدۇ، قانداق خالىسا، شۇنداق ياشىيالايدۇ، قانداق كىيىنىشنى خالىسا، شۇنداق كىيىنەلەيدۇ، خالىغىنىچە يەپ – ئىچەلەيدۇ. قىسقىسى، مېنىڭ خەلقىم ھەممە جەھەتتىن ئەركىن - ئازادە ياشاش ھوقۇقى ئىگە. چۈنكى، بىز ھېچقانداق بىر ئىشقا چەكلىمە قويغىنىمىز يوق. تۈركىيە چەكلىمىلەر بىلەن تولۇپ – تاشقان بىر دۆلەتمۇ ئەمەس. ئاخىرقى 14  يىلنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۈركىيە ھېچقاچان بۇنچىلىك ئەركىنلىك، ھۇزۇر – ھالاۋەت، راھەت – پاراغەت ۋە ھەق – ھوقۇقلارغا ئېرىشىپ باققان ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر