ئەردوغان: مۇستاپا كامال دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ ۋە خەلقىنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

607215
ئەردوغان: مۇستاپا كامال دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 78-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازما بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا، غازى مۇستاپا كامالنىڭ خاتىرىسىگە، مۇستەقىللىققە، ۋەتەنگە، بايراققا، جۇمھۇرىيەتكە ۋە دۆلەتنىڭ مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تەجرىبىسىگە، ئازادلىق ئۇرۇشى روھى بىلەن ئىگە چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 14 يىلدا ھەر ساھە بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرغان كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھاتلىرى ۋە دۆلەتنى خەلق بىلەن قۇچاقلاشتۇرغان سىياسەتلىرى بىلەن يۇقىرىدىكى تىلەكلەرنى ئىسپاتلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«قەھرىمان خەلقىمىز 15-ئىيۇلدىكى خائىنلىققا قارشى نامايان قىلغان قەتئىي ئىرادىسى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ بۇ بايلىقلىرىنى جان-جەھلى بىلەن قوغدايدىغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلىدى.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ نىشانى ئۈستىدە توختىلىپ: «غازى مۇستاپا كامال <ئەڭ كاتتا ئەسىرىم> دەپ ئاتىغان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن ھارماي-تالماي كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر