پ ك ك تەرەپدارلىرى ياۋروپادا تېررور پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ياۋروپادىكى تەرەپدارلىرى خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ بەزى پارلامېت ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى باھانە قىلىپ، تېررور پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

606236
پ ك ك تەرەپدارلىرى ياۋروپادا تېررور پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا
pkk yandaşları avrupa'da terör estiriyor.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم چاقىرتىلغان بولۇشىغا قارىماي سوت مەھكىمىلىرىگە بارمىغان خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ بەزى پارلامېت ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى باھانە قىلىپ، لوندوندا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىۋاتقان پ ك ك تەرەپدارلىرى 2 تۈركنى ئۇردى.

ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تۈركلەردىن بىرى بولغان ۋە ئەنگلىيەدە ئىنگلىز تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىدە ئوقۇۋاتقان جەيلان ناس ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، توي قىلىدىغان يىگىتى بىلەن ئۆزىنى ئۇرغان زوراۋانلار ئۈستىدىن ئەنگلىيە ساقچىلىرىغا شىكايەتتە بولغانلىقىنى، ئەمما شىكايەتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى.

Oxford Circus  مېترو بېكىتىدىن چىقىشتا تۈركىيەگە قارشى شوئارلارنى توۋلىغان گۇرۇپپا بىلەن ئۇچراشقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ناس، «مەزكۇر گۇرۇپپا ھە دەپ تۈركىيەگە ھاقارەت قىلىۋاتاتتى. شۇڭا نېمە بولغانلىقىنى ئۇقۇش ئۈچۈن شۇ جايغا يېقىنلاشتۇق. ئەتراپتىكىلەر يانفۇنلىرى بىلەن بىر نامايىشنى ۋىدېئوغا ئېلىۋاتاتتى. بىزمۇ شۇنداق قىلىشقا باشلىدۇق. دەل شۇ چاغدا قارا شەپكە كىيىۋالغان بىرەيلەن بىزگە يېقىنلىشىپ، بىزگە توسقۇنلۇق قىلماقچى بولدى» دېدى.

ئۇ، مەزكۇر نامايىشچىغا بۇنداق قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقانلىقلىرىنى، بىراق باشقا نامايىشچىلارنىڭ تەھدىت سالغانلىقىنى ھەمدە تۈركىيەگە ھاقارەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھامان ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئەنگلىيە ساقچىلىرىنىڭ بولسا بۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «نامايىشچىلار يىگىتىمنى سۆرەپ، بىر سودا سارىيىغا ئەكىرىپ ئۇرۇشقا باشلىدى. ھالبۇكى، ساقچىلار سودا ساراينى تاقاپ، بىزنى يېرىم سائەتتەك تۇتۇپ تۇردى. ئاندىن ئارقا ئىشىكتىن بىزنى چىقىرىپ، تاكسىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. ۋەقەدىن كېيىن زوراۋانلار ئۈستىدىن ساقچىلارغا شىكايەتتە بولدۇق. بىراق ئەنگلىيە ساقچىلىرىنىڭ بىز بىلەن قىلچە كارى بولمىدى. ھەتتا تاياق ئىزلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن دوختۇرخانىغىمۇ ئېلىپ بارمىدى.»

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇپلىرى جۈمە كۈنىمۇ تۈركىيەنىڭ لوندون باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، باش ئەلچىخانىغا تاش ۋە تۇخۇملار بىلەن ھۇجۇم قىلغانىدى.

ھۇجۇم جەريانىدا بىر ئەنگلىيە ساقچىسى بېشىغا بىر نەرسە تېگىپ، يېنىك يارىلانغانىدى.

تۈركىيەنىڭ پارىژ باش ئەلچىخانىسىمۇ پەيشەنبە كۈنى پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا باش ئەلچىخانا بىناسى زىيانغا ئۇچرىغانىدى.

شەنبە كۈنى كېچىسىمۇ تۈركىيەنىڭ نانتېس باش كونسۇلخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

گېرمانىيەدە تۈركىيەنىڭ فرانكفورت باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن پ ك ك تەرەپدارلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن، گېرمانىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا قاتتىق ئۇسلۇبتا مۇداخىلە قىلدى.

شەنبە كۈنى كېچىسى ھاننوۋېر شەھىرىدە تۈركىيە باش كونسۇلخانىسى خادىملىرىغا ئائىت ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇپ بېرىلدى. ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار جاۋابكارلارنى ئاختۇرۇپ تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرى ھاننوۋېر باش كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان بىر كونسۇلخانا خادىمىنى ئۇردى.

ئاۋىستىرىيەنىڭ ۋورالبېرگ ئۆلكىسىگە قاراشلىق رانكۋېل / كۇنېرت رايونىدا تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى قارمىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاۋىستىرىيە تۈرك ئىسلام بىرلىكىگە تەۋە بىر جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

ياۋروپالىق تۈرك دېموكراتلار بىرلىكىنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ گۆتېبورگ شەھىرىدىكى شۆبىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىممۇ پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ ئۆلۈم تەھدىتلىرى سەۋەبىدىن بىكار قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر