فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە دائېش ۋە پ د ي نۇقتىلىرى توپقا تۇتۇلدى

سۇرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى 76 – كۈنىگە قەدەم قويدى.

605346
فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە دائېش ۋە پ د ي نۇقتىلىرى توپقا تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 76 – كۈنىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى، قوراللىق ئاپتوموبىلى بىلەن ئايروپىلان ئاتارى يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 58؛ PKK/PYD تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر نۇقتىسى توپقا تۇتۇلۇپ، ئۇ جايلاردىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، مۇداپىئە ئىستىھكاملىرى، قوماندانلىق – كونترول ئورۇنلىرى، قورال ۋە ئاپتوموبىللار يوقىتىپ تاشلاندى.

بىرلەشمە كۈچلەر، دائېشنىڭ شابۋىران رايونىدىكى 4 نىشانىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، بىر تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى، قورال ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر ئاپتوموبىل بىلەن ئايروپىلان ئاتار باتارېيەسىنى يوقىتىپ تاشلىدى.

ھازىرغىچە دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان جايلاردا ئۆكتىچىلەرگە ياردەم قىلىۋاتقان پارتلىغۇچى ماددىلارنى بايقاش ۋە يوقىتىش خادىملىرى، جەمئىي 36 مىنا بىلەن 1443 يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچنى پىلانلىق شەكىلدە چۇۋۇپ تاشلاندى.

سۇرىيە چېگراسىدا قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن توختاۋسىز ھالدا چارلاش – نازارەت قىلىش خىزمەتلىرى داۋاملاشتۇرۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر