ئەردوغان: بۇنىڭدىن كېيىن <كىم نېمە دەر؟> دەيدىغان ئۆلچىمىمىز بولمايدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە تۇتقۇن قىلىنىشى مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى.

604843
ئەردوغان: بۇنىڭدىن كېيىن <كىم نېمە دەر؟> دەيدىغان ئۆلچىمىمىز بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە تۇتقۇن قىلىنىشى مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، «چېقىلالماسلىق ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارلامېنتقا، دۆلەتكە، خەلققە، ئەدلىيەگە دۇئېل ئېلان قىلغان، ھەتتا ھاقارەت قىلغان بۇ ئۆزىنى بىلمەسلەرنىڭ غەرىزى تۈركىيەنى خەلقئارا سەھنىدە قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇشتۇر. ناھايىتى روشەن قىلىپ ئېيتىمەنكى، مېنىڭ خەلقئارالىق بۇ ھۇجۇملاردىن كىچىككىنە قورقۇنچىم، ئەندىشەم يوق. مېنىڭ ئۈچۈن مىللەت ئاساستۇر» دېدى.

ئىستانبۇل ئۈسكۈداردا سەھىيە پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش ۋە تەتقىقات دوختۇرخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان باشتىن كەچۈرگەن ھادىسىلەر نەتىجىسىدە ۋەقەلەرگە باھا بېرىش نۇقتىسىنى ئۆزگەرتكەن، ئۆزىگە يېڭى يول خەرىتىسى سىزغان بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئۈچۈن <بۇ نېمە دەر، ئۇ نېمە دەر؟> دەيدىغان بىر ئۆلچەم يوقتۇر. ئەمدى بىزنىڭ ئۆلچىمىمىز دۆلىتىمىز ۋە خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن نېمىنى قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنى قىلىشتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر