مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى ھ د پ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىشىنى ھەققىدە توختالدى

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «مەيلى رەئىس بولۇڭ، مەيلى پارلامېنت ئەزاسى ۋەياكى مىنىستىر بولۇشىڭىزدىنمۇ قەتئىي نەزەر، سوت چاقىرغاندا دەرھال بېرىشىڭىز لازىم. قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى دېگەن مانا بۇ» دېدى.

604386
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى ھ د پ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىشىنى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ھېچ كىشىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ۋە قانۇنلار ئالدىدا ھېچ كىشىگە ئۆزگىچە مۇئامىلە قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۈنتەپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

تېررورلۇققا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەر دائىرىسىدە خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىشىنى ھەققىدە سۆز قىلىپ، سايلانغان كىشىلەرنىڭمۇ دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا ۋە باشقا قانۇن - تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە ئىشىنىدىغان بولسا، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ چاقىرىقىغا ماشلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ جەھەتتە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان پارتىيەلەرنىڭ رەئىسلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ سوتقا چاقىرىلغانلىقىنى بىلدۇردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «ئەمما <مەن تۈركىيە سوت مەھكىمىسىنى ئېتىراپ قىلمايمەن، تۈركىيەنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىنى ئېتىراپ قىلمايمەن، پارلامېنتقا قانۇن چىقىدىغان چاغدا مەن بار ئىدىم، ئاۋاز بېلىتىمۇ ئىشلەتتىم، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئېتىراپ قىلمايمەن> دەيدىغان بولسىڭىز، ئۇ چاغدا ئىش چاتاق بولىدۇ. دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئوخشاش. سوت مەھكىمىلىرى چاقىرغاندا، مەيلى رەئىس بولۇڭ، مەيلى پارلامېنت ئەزاسى ۋەياكى مىنىستىر بولۇشىڭىزدىنمۇ قەتئىي نەزەر، دەرھال بېرىشىڭىز لازىم. قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى دېگەن مانا بۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر