تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى سۇرىيە چېگراسىدا

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك سالىھ زەكى چولاق سۇرىيە چېگراسىدىكى قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.

602206
تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى سۇرىيە چېگراسىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئىشىق بىلەن گېنېرال – پولكوۋنىك چولاق تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ خاتايغا يېتىپ باردى. خاتاي ۋالىيسى ئەردال ئاتا ۋە ئىككىنچى ئوردۇ قوماندانى مەتىن تەمەل تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان مىنىستىر ئىشىق بىلەن گېنېرال - پولكوۋنىك چولاق ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئايرودۇرۇمدىن ئايرىلدى.

ئارقىدىن چېگرادىكى قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى باشلىغان ئىشق بىلەن چولاق، بىرىنچى بولۇپ چېگرانىڭ نۆل نۇقتىسىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىقىغا قاراشلىق بىر چېگرا مۇداپىئە پونكىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

چۈشلۈك تاماقنى ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە يېگەن مىنىستىر ئىشىق بىلەن گېنېرال - پولكوۋنىك چولاقنىڭ چېگرادىكى تەكشۈرۈشلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر