خۇلۇسى ئاقار رۇسىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقارنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان تۈنۈگۈنكى زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

602389
خۇلۇسى ئاقار رۇسىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك ۋالەرىي گېراسىموۋ سۇرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

تۈركىيە ئارمىيەسى، 2 باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ سۇرىيەدىكى توقونۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ھەلەبتىكى ۋەزىيەتنىڭ نورمالغا قايتىشى بىلەن دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خەۋپ بولۇشتىن چىقىرىلىپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆڭۈلدىكىدەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى مەقسىتىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا، ئۇچرىشىشلارنىڭ ئىجابىي مۇھىت ئىچىدە ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقارنىڭ رۇسىيە زىيارىتىدە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خاقان فىدانمۇ ھەمراھ بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر