ئەردوغان سىنجارنىڭ پ ك ك غا ئۇۋا بولۇشىغا يول قويمادىغانلىقىنى ئېيتتى

ئەردوغان: «خۇددى جەرابلۇس، راي ۋە دابىكنى تاشلاپ قېچىشقاندەك ئەل بابنىمۇ تاشلاپ مېڭىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنبىچ ۋە راككاغا يۈزلىنىمىز» دېدى.

598286
ئەردوغان سىنجارنىڭ پ ك ك غا ئۇۋا بولۇشىغا يول قويمادىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراقنىڭ سىنجار رايونىنىڭ يېڭى بىر كاندىل (بەنى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى)گە ئايلىنىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان باشتەپە مەدەنىيەت ۋە قۇرۇلتاي مەركىزىدە غازىلارنى بىلەن شېھىتلارنىڭ يېقىنلىرىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش مۇرامىسىدا سۆز قىلىپ، سۈرىيەدە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 24 – ئاۋغۇستتىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ كېڭىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان ئەل بابنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا نىسبەتەن مۇھىم مەركەزلەرنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «خۇددى جەرابلۇس، راي ۋە دابىكنى تاشلاپ قېچىشقاندەك ئەل بابنىمۇ تاشلاپ مېڭىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنبىچ ۋە راككاغا يۈزلىنىمىز» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن تۈنگۈن بۇ مەسىلىنى تېلېفوندا مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش. پ ي د – ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا بىزنىڭ ئېھتىياجىمىز يوق. راككامۇ، پ ي د، پ ك ك،  ي پ گ قاتارلىقلارمۇ بىزگە نىسبەتەن ئوخشاش. بىز ئامېرىكىغا «كېلىڭلار دائېشنى راككادىن بىرلىكتە قوغلاپ چىقىرايلى! بۇنى بىز سىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز. بىزنىڭ بۇنىڭغا يېتەرلىك كۈچ - قۇدرىتىمىز بار، دېگەن ئىدۇق؟» دېدى. 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئىراق قىسمى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «ھازىر كەركۈكتا، مۇسۇلدا تەلافەردە ۋە سىنجاردا بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى سىنجار يېڭى بىر كاندىلگە (تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىگە) ئايلىنىش يولىدا كېتىپ بارىدۇ. شۇڭا بىز سىنجارنىڭ يېڭى كاندىلغا ئايلىنىشغا يول قويمايمىز چۈنكى ئۇ يەرد پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى بار» دېدى.

دۆلەت ئىچىدىمۇ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ ئوخشاشمايدىغان باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەمدىلىكتە تېررورلۇق كېلىپ ئىشىكىمىزنى قاقىدىغان ئەمەس، بەلكى مەنبەسىدە قۇرۇتۇپ تاشلىنىدىغان پەيت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەگەر تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئالۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار بىرەر قارا ماقۇللىغان تەقدىردە ئۆزىنىڭمۇ ئۇ قارارنى تەستىقلايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر