قالىن: ھەربىي ئىسيان خەلقنى بىر - بىرىگە يېقىنلاشتۇردى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ خەلقنى بىر – بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

598109
قالىن: ھەربىي ئىسيان خەلقنى بىر - بىرىگە يېقىنلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، «تارىخقا ۋە مىللىي ئىرادىگە شاھىت بولۇش» پىروگراممىسى دائىرىسىدە بالقان ئەللىرىدىن تۈركىيەگە كەلگەن تاراتقۇلار ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىكى ئۇچرىشىشتا، 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ۋە تۈركىيە بىلەن بالقان ئەللىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا توختالدى. ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ، «باشقا ئەللەردە بۇ خىل بىر ئۇرۇنۇش يۈز بەرسە، خەلق ۋە ئىقتسىادنى ۋەيران قىلغان بولاتتى» دېگەن قالىن، «لېكىن، تۈركىيەدە خەلق بىر – بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى، ئىقتىساد تېخىمۇ مۇستەھكەم ھالغا كەلدى» دېدى.

15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ تولۇق مەنىدە ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن قىلىنغان بىر ئىسيان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن قالىن، «تۈركىيەدە ھازىرغىچە كۆپلەپ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش كۆردى، لېكىن، بۇنداق بىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قەتئىي دۇچ كېلىپ باقمىدى. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەر دائىم كۈچلۈكلەرنىڭ سېپىدە تۇرۇپ كەلگەن بىر تەشكىلات. قانۇنسىز پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، جىنايەت ئىمپېراتورلۇقىنى قۇرۇپ چىقىپتۇ. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا <غەمخورلۇق> نامى ئاستىدا مىليونلارچە دوللار كەپتۇ. ئاچقان تۈرك مەكتەپلىرىدە قانداق خاتالىق بار، دېسەڭلار، بۇ مەكتەپلەر قىممەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت كۈچلۈك ئائىلىلەرنىڭ، سىياسەتچىلەرنىڭ بالىلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى يۇقىرى يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئۇلارغا بېرىپ، ناھايىتى يۇقىرى نومۇر ئېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىپتۇ، بۇ نۇقتىدا پەزىلەتمۇ، ئوچۇق – ئاشكارىلىقمۇ يوق» دېگەنلەرنى قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر